ياپونىيەدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشى رېكورت ياراتتى
ياپونىيەدە 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس نىسبىتى %0.3 ئۆرلەپ، 29.1% گە يەتتى.
![ياپونىيەدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشى رېكورت ياراتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9bb3/6bc9/df6c/61484954b8561.jpg?time=1718462294)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋە ئۇچۇر- ئالاقە مىنىستىرلىقى ھەر يىلى سىنتەبىرنىڭ ئۈچىنچى دۈشەنبە كۈنى تەبرىكلىنىدىغان «ياشانغانلارغا ھۆرمەت قىلىش بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدىكى 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 220 مىڭ كىشى ئېشىپ، 36 مىليون 400 مىڭغا يەتكەن. بۇ نىسبەت يېڭى بىر رېكورت سۈپىتىدە رۇيخەتكە ئېلىنغان.
ياپونىيەدە 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇس نىسبىتى %0.3 ئۆرلەپ، 29.1% گە يەتكەن. ئەرلەرنىڭ سانى 15 مىليون 830 مىڭغا، ئاياللارنىڭ سانى 20 مىليون 570 مىڭغا يەتكەن.
دۆلەتلىك نوپۇس ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، 2040-يىلى ياپونىيەدىكى ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى %35.3 نى تەشكىل قىلىدىكەن.
دۇنيا بويىچە ياشىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرسى دەپ بىلىنىدىغان ياپونىيەدە، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 87.74 ، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 81.64 ئەتراپىدا بولۇپ كەلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718462295)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.