گىرېتسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

گىرېتسىيەنىڭ ساموس ئارىلىدىكى ۋاتى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

1708011
گىرېتسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «لاگېرنىڭ غەربىدىكى تاشلاندۇق گازارمىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق خەۋپ يوق. لاگېردىكى كىشىلەر تارقاقلاشتۇرۇلدى» دېدى.  

بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساندىكى كۆچمەنلەر ۋاتى لاگېرىغا يېقىن بىر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا يىغىلدى.

دائىرىلەرئوت ئاپىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن 6 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باشقا دۆلەتكە يوللىنىشى كۈتۈلىۋاتقان 300 دىن 500 گىچە كۆچمەن تۇرۇشلۇق بۇ لاگېر بۇ ھەپتە تاقالماقچى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر