ئاۋىستىرالىيەدە تور ھۇجۇمى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %13 ئاشتى

ئاۋىستىرالىيەدە ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ھەر 8 مىنۇتتا بىر قېتىم تور ھۇجۇمى يۈز بەردى.

1706396
ئاۋىستىرالىيەدە تور ھۇجۇمى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %13 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى (ACSC) ئاۋىستىرالىيە جىنايى ئىشلار رازۋېدكا كومىتېتى ۋە ئاۋىستىرالىيە فېدېراتسىيە ساقچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان يىللىق تور تەھدىتى دوكلاتىدا رۇيخەتكە ئېلىنغان تور بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنىڭ سەھىيە، مائارىپ ۋە قاتناشقا ئوخشاش مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتنى تەييارلىغان ئاۋىستىرالىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى (ACSC)  نىڭ باشلىقى ئابىگايىل بىرادشاۋ يامان غەرەزلىك تور ئاكتىيورلىرىنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئاۋىستىرالىيەلىكلەرنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابىگايىل بىرادشاۋ تور ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا %13 ئاشقانلىقىنى ۋە ئاۋىستىرالىيەلىكلەرنىڭ تەھدىتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، «بىز بىر يىلدا 67 مىڭ 500 دىن ئارتۇق تور جىنايىتى ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر سەككىز مىنۇتتا  بىر تور تەھدىتى دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بۇ تور تەھدىتى ۋە جىنايەتچىلىرىنىڭ قانچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېدى.

ئاۋىستىرالىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېۋ خاستى دوكلاتقا باھا بېرىپ، تور ھۇجۇمىنىڭ ئېشىشىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تور بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى.

دوكلاتتا تور جىنايەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان 12 ئايلىق زىياننىڭ 33 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە كۆپ ساندىكى تور ھۇجۇمىنىڭ دۆلەت مەنبەلىك ئاكتىىيورلار ياكى جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر