دوكلات: كىلىمات ئۆزگىرىشى كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ كۆچۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

دۇنيا بانكىسى كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى كۆچمەنلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەھلىل قىلدى.

1705978
دوكلات: كىلىمات ئۆزگىرىشى كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ كۆچۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئافرىقا  دۆلەتلىرىدىكى كۆچمەنلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەھلىل قىلدى ۋە 2018- يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان «چوڭقۇرلۇق دولقۇنى» ناملىق دوكلاتىنى شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرى، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە يېڭىلىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشى مەزكۇر ئالتە رايوندا كۈنسېرى كۈچلۈك كۆچۈش دولقۇنىغا سەۋەب بولۇشقا باشلىغان.

دوكلاتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ سۇ بايلىقىغا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىگە بولغان تەسىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ بەزى رايونلاردىكى ياشاشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ نامرات ۋە ئاجىز رايونلارغا ئەڭ ئېغىر زەربە بېرىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات ھاسىلاتلىرىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، كىلىمات ئۆزگىرىشى 2050-يىلغا بارغاندا مەزكۇر ئالتە رايوندا ياشايدىغان 216 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىچكى كۆچۈشكە مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ سان رايونلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى مۆلچەرلەنگەن نوپۇسىنىڭ % 3گە توغرا كېلىدىكەن.

سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ئەللىرىدە 85 مىليون 700 مىڭ كىلىمات كۆچمىنىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى، بۇ ساننىڭ رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %4.2 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقانىڭ قۇرغاق رايونلىرى ۋە دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى كىلىمات ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەڭ نازۇك جاي ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدا 48 مىليون 400 مىڭ (% 2.5)، جەنۇبىي ئاسىيادا 40 مىليون 500 مىڭ (% 1.8)، شىمالىي ئافرىقادا 19 مىليون 300 مىڭ (% 9)، لاتىن ئامېرىكاسىدا 17 مىليون 100 مىڭ، (% 2.6) ۋە شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا 5.1 مىليون (% 2.3) كىشىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئىچكى كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نوپۇسىغا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى ئىچكى كۆچۈشنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان شىمالىي ئافرىقا رايونىدا بولسا، سۇ كەمچىللىكى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ بۇ رايونلار ۋە نىل دېلتىسى رايونىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

دوكلاتتا: «كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي ھالەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى كىشىلەرنى قىيىنچىلىق ئىچىدە كۆچۈشكە مەجبۇرلايدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى پىلان تۈزۈلمىسە، ھەم كۆچۈپ كەتكەن ھەم كۆچمەن قوبۇل قىلغان رايونلار زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئىچكى – تاشقى كۆچۈش سەۋەبىدىن 2030-يىللاردا قىزىق رايونلار شەكىللىنىدۇ ۋە بۇ رايونلار 2050-يىلغىچە ئۇدا كۆپىيىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر