ئەنگلىيەدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەن بالىلارغا تۇتقان پوزىتسىيە سەۋەبىدىن سوتلانماقتا

ئەنگىلىيەدە بىر خەير-ساخاۋەت ئورگىنى دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمەن بالىلارغا قىلىنغان مۇئامىلە سەۋەبىدىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

1704510
ئەنگلىيەدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەن بالىلارغا تۇتقان پوزىتسىيە سەۋەبىدىن سوتلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ئەنگىلىيەگە كىچىك كېمىلەر بىلەن كەلگەن بالىلارغا  قارىتا «قانۇنسىز ۋە كەمسىتىش» خاراكتېرلىك مۇئامىلە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قانۇنىي جازاغا تارتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

سوتقا ئەرز سۇنغان «Detention Action»  ئورگىنى ئافغانىستانلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە بىر نەچچە كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە يېتەرلىك قوللاش بىلەن تەمىنلەنمەستىن مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.

بەزى چاغلاردا ھەتتا، بالىلارنىڭ ھەپتىلەرگىچە كىيىم-كېچەك ياكى ئاياغلىرىنى ئالماشتۇرالمىغانلىقى، قانۇنىي مەسلىھەت ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىمەستىن مېھمانخانىلارغا تاشلاپ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سوتقا ئەرز سۇنغان «Detention Action»  ئورگىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىنىڭ بالىلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە يېڭى كەلگەن كۆچمەن بالىلارنىڭ ئەنگىلىيە پۇقرالىرى ياكى باشقا بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا بىۋاسىتە كەمسىتىشكە ئۇچرىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەير-ساخاۋەت ئورگىنى دېلونىڭ ئىككىنچى جاۋابكارى بولغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭمۇ ھەمراھسىز، قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئەھمىيەت بېرىلمىگەن بىر شەكىلدە مېھمانخانا تۇرالغۇلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھەمدە يەرلىك مەسئۇللارنىڭمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى بېكىتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر