ھىندونېزىيەدىكى بىر تۈرمىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلىتى ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتاغا يېقىن جايدىكى تانگېراڭ تۈرمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 41 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1704312
ھىندونېزىيەدىكى بىر تۈرمىدە ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرلىقىنىڭ تۈرمىلەر باشقارمىسى باياناتچىسى رىكا ئاپرىئانت، تۈرمىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلار قامالغان س بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 41، مەھبۇسنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 39 مەھبۇسنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى رىكا، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 01:00 دە يۈز بەرگەن ئوتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەنلىكى، تۈرمىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نەچچە يۈز ئەسكەر ۋە ساقچىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھىندونېزىيەنىڭ سىغىمىدىن ئاشۇرۇپ مەھبۇسلار قامالغان تۈرمىلىرىدە ئىسيان كۆتۈرۈش، قېچىپ كېتىش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن تانگېراڭ تۈرمىسى رەسمىي ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا 1225 ئادەم سىغىمچانلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن 2000 مەھبۇسنىڭ قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر