پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 3 كىشى قازا قىلىپ، 20 كىشى يارىلانغان.
1702672
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىشىچە، پاكىستانلىق دائىرىلەر پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇۋەيتا شەھىرىدىكى بىر يولدا پارتىلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، پارتلاشتا 3 كىشى قازا قىلىپ، 20 كىشى يارىلانغان.
ئالاقىدار مەسئۇللار ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشماقتا.