كابۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن ۋە 90 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1698201
كابۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇملارنىڭ ئىككىسى ، ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا، بىرى، بۇ يەردىكى بومبا ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ياردەم دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا  يۈز بەرگەنىدى.

BBC، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 13 ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 90 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 150 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھۇجۇملاردا 15 ئەسكەرنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

شەھەردە كۈن بويى، ئايرىم - ئايرىم 6 پارتلاش مەيدانغا كەلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئافغانىستان دائىرىلىرىمۇ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشقان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ خوراسان گۇرۇپپىسى ئېلىپ بارغان، دەپ قاراۋاتىمىز، بۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلارغا دەيمەنكى، ئۇنتۇمايمىز، كەچۈرمەيمىز، بەدەل تۆلەتكۈزىمىز» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي ئارمىيە (CENTCOM) قوماندانى گېنېرال كېننىت ماككېنزى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ داۋام قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر