رۇسىيەدە قولغا ئېلىنغان مۇسۇلمانلار قويۇپ بېرىلدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋا ئەتراپىدىكى بىر جامەدە قولغا ئېلىنغان مۇسۇلمانلار قويۇپ بېرىلدى.

1694925
رۇسىيەدە قولغا ئېلىنغان مۇسۇلمانلار قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادۋۇكات مارىيا كراسوۋا، رۇسىيەنىڭ «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن باياناتىدا، موسكۋا رايونىغا جايلاشقان «كوتېلنىكى جامەسى» دە جامائەتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە پاسپورت تەكشۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە پۇقرالىرى پاسپورت تەكشۈرۈشىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى، چەت ئەللىكلەر بولسا ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، كېيىنچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ۋ جىنايەت سادىر قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دوكلات تەييارلانمىدى، بىر ساقچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى، تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ دائىرىدە قولغا ئېلىنغانلاردىن DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان.»

موسكۋا رايونىغا جايلاشقان «كوتېلنىكى جامەسى» دە تەخمىنەن 600 مۇسۇلماننىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى موسكۋا رايونلۇق مەمۇرىي مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشقارمىسى، قولغا ئېلىنغانلارغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر