ئامېرىكا: بىزنىڭ ئايرودۇرۇمدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كۈچىمىز يوق

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىن تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئايرودرومدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكلىرىنى ئېيتتى.

1694412
ئامېرىكا: بىزنىڭ ئايرودۇرۇمدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كۈچىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى نېد پرايس كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەلۇمات بېرىپ، ھازىرغىچە كابۇلدىكى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن 7000 ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ئايرودۇرۇمدا رەسمىيەتلىرى بىجىرىلىپ بولغان 6 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان پرايس، بۇ كىشىلەرنىڭمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايروپىلان بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئۇلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن كابۇلغا تېخىمۇ كۆپ كونسۇلخانا خادىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى، يەنە بىر قىسىم كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ يۆتكەش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشى ئۈچۈن قاتار ۋە كۇۋەيتكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېد پرايس، ئافغانىستاندىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا كېلىشكە ئامالسىز قالغانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ ئايرودۇرۇمدىن ھالقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان كۈچىمىز يوق» دېدى.

يەكشەنبە كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبانلار، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ قېچىشى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پايتەختتىن چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن، شەھەرنى تولۇق كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر