ماكرون بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1694392
ماكرون بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىسې سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.  ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تالىباننىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ماكرون، فىرانسىيە پۇقرالىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئافغان ئەر – ئاياللار ھەم تەھدىت ئاستىدىكىلەرنىڭ ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن «ئىتتىپاقداشلار ئارا تېز ، ئۈنۈملۈك ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى» نى تەكىتلىپ مۇنداق دېگەن: «قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى ئورتاقلاشقان ۋە قوغدىنىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئافغانلارغا دائىر ئورتاق مەسئۇلىيەتچانلىرىمىزدىن ۋاز كېچەلمەيمىز ھەمدە ئۇلارنى تەرك ئېتەلمەيمىز.»

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى رەھبەر، بولۇپمۇ 7 – گ گۇرۇھى دائىرىسىدە ئىنسانىي، سىياسىي ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر