ئامېرىكا ئافغانىستانغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون باياناتچىسى جون كىربى، ئامېرىكانىڭ كابۇلدىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن ئافغانىستانغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1692334
ئامېرىكا ئافغانىستانغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون باياناتچىسى جون كىربى، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوشۇمچە 1000 ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پېنتاگون باياناتچىسى كىربى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ كابۇلدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، كابۇلدىكى ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋە ئامېرىكاغا ياردەمچى بولغان ئافغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتكە قوشۇمچە 1000 ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى، ۋاشىنگتوننىڭ بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىخەتەر ئورۇنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتچى، بۇ قارار بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن جەمئىي ئەسكەر سانىنىڭ تەخمىنەن 6000 غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر