ئانگېلا مېركېل ئافغانىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ ئافغانىستاندىكى يېڭى ۋەزىيەتتىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1691963
ئانگېلا مېركېل ئافغانىستان مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بېلت گېزىتى» خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيىسى مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، مۇدىرىيەت يىغىنىغا ئېنتېرنېت ئارقىلىق قاتناشقان باش مىنىستىر مېركېلنىڭ ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئورتاقلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندا كىشىلەرگە يەرلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا ياردەم قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان پاناھلانغۇچىلار دولقۇنى تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىز تۈركىيە بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان مېركېلنىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن، بۇنىڭ تىزما تاش تەسىرى ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ئاچچىق سائەتلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتىمىز. ھازىر بىز قۇتقۇزۇشقا مەركەزلىشىشىمىز لازىم» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر