تۈركىيە ئاۋسترىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فارۇق قايماقجى، ئاۋسترىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارل نېخاممېرنىڭ تۈركىيەنى مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1690110
تۈركىيە ئاۋسترىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن مىنىستىر فارۇق قايماقجى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، نېخاممېرنىڭ تۈركىيەنى مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىگە ئىنكاس قايتۇردى.

باياناتىدا مېخاممېردىن «ياۋروپانىڭ قالغان جايلىرىنىڭ يۈكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 4 مىليون 200 مىڭ مۇساپىرغا مەرتلەرچە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە بىلەن ھەپىلىشىشىنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟» دەپ سورىغان قايماقجى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بارغانسېرى يەرشارىۋى سىناققا ئايلىنىۋاتقان تەرتىپسىزلىك كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە قۇترىتىش ياكى تەھدىت سالمىغانلىقىنى، ئىتتىپاقنى بۇ مەسىلىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر