رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تالىباننىڭ ئىلگىرىلەشلىرى ئۈستىدە توختالدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان چېگراسىنى كونتروللۇقى ئاستىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

1689281
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تالىباننىڭ ئىلگىرىلەشلىرى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي شويگۇ پايتەخت موسكۋا رايونىنىڭ سولنېخنوگورسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇنبەر يىغىنىدا ئافغانىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات بەردى.

شويگۇ تالىباننىڭ ئافغانىستاندا بارغانچە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئافغانىستاننىڭ ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن بولغان چېگرىسى تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى. تالىبان قۇندۇز ۋىلايىتىنىمۇ ئىشغال قىلدى. قۇندۇز ناھايىتى چوڭ ۋە مۇھىم مەركەز» دېدى.

سېرگېي شويگۇ زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرى ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق رۇسىيەگە سىڭىپ كىرىشى قاتارلىق تەھدىدلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى (CSTO) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەييارلىق ھالىتىدە بولىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سېرگېي شويگۇ: «گەرچە تالىبان رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ رايونلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئۇرۇنۇشتا بولمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتسىمۇ، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قىسىملىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىغۋاگەرچىلىك ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييار ھالەتتە تۇرىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىزمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغىنى قىلىمىز، ئەلۋەتتە» دېدى.

شويگۇ رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل مانېۋىرلارنى توختىماي ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شويگۇ رۇسىيەنىڭ تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا بازىلىرى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر