دزافېروۋىچ: تۈركىيە بىزگە باشقا ھېچبىر دۆلەتكە بەرمىگەن ئىمتىيازنى بەردى

بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ بوشناق ئەزاسى سېفىك دافېروۋىچ، تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىگە باشقا ھېچبىر دۆلەتكە بەرمىگەن ئىمتىيازنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1688797
دزافېروۋىچ: تۈركىيە بىزگە باشقا ھېچبىر دۆلەتكە بەرمىگەن ئىمتىيازنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ بوشناق ئەزاسى سېفىك دافېروۋىچ، تۈركىيە – بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە - بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ئوتتۇرىسىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئارقىلىق بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلىقىنى، مەۋجۇت تاشقى سودا ھەجمىنىڭ 700 – 750 مىليون دوللار سەۋىيەسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىزگە باشقا ھېچبىر دۆلەتكە بەرمىگەن ئىمتىيازنى بەردى، بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك، نىشانىمىز، تۈركىيە بىلەن بولغان تاشقى سودا سوممىسىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇ مۇمكىن بولمايدىغان نىشانمۇ ئەمەس، تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قويۇق داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئۈلۈشى ناھايىتى زوردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر