ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تالىبان بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تەۋە «B-52» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇزجان ۋىلايىتىدە تالىبان بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1687363
ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تالىبان بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فاۋاد ئامان مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇمدا 200 دىن ئارتۇق قوراللىق تالىبان ئۇنسۇرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، تالىبانغا تەۋە نۇرغۇن قورال ۋە ئوق-دورىلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

تالىبان تەخمىنەن 2 ھەپتە ئىلگىرى باشلانغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن جۇزجاننىڭ مەركىزى شىبىرىگان شەھىرىنى ئىشغال قىلغال ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن ئۆتكۈزگەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز قېلىشىدىن كېيىن تالىبان ھۇجۇملىرىنى تېزلەشتۈرگەن ئىدى.

تالىبان ئىيۇن ئېيىدىن بويان ئونلارچە ناھىيەنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن، قورشاۋغا ئاستىغا ئالغان ۋىلايەت مەركەزلىرىگىمۇ يۈزلەندى. ئافغانىستاننىڭ ئىران چېگراسىدىكى نىمرۇز ۋىلايىتى مەركىرى زارانك تالىبان ئالقىنىغا كىرگۈزگەن تۇنجى ۋىلايەت مەركىزىگە ئايلاندى.

جەنۇبتا ھېلماند، بەداخشان، تاھار، قۇندۇز، شىمالدا سارىپۇل ۋە غەربتە ھېرات قاتارلىق مەركەزلەرمۇ تالىبانىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ئاستىدا تۇرماقتا.

تالىباننىڭ ئافغانىستان زېمىنىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقى  ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن پات پات ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ياردەم قىلىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تالىبان ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلىرىدا ئۆتكەن بىر ئايدا 1000 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ماينىڭ بېشىدىن ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 1 مىليون پۇقرانىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر