ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1686851
ھىزبۇللاھ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەلجۇرمۇك ۋە شاۋاكىر رايونلىرىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھىزبۇللاھنىڭ «شەھىد ئەلى كامىل مۇھسىن» ۋە «شەھىد قاسىم تاھھان» گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەبا دېھقانچىلىق مەيدانىغا 122 مىللىمېتىرلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا بولسا، ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكلىرىگە جايلاشقان ئەين كىنىييە يېزىسى ۋە ئاھالىلەر رايونى سنىردا گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىغانلىقى بايان قىلىندى.

باياناتتا، رايونغا قانچىلىك بومبا ئېتىلغانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى مال-مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «قانال 13» تېلېۋىزىيەسى، لىۋاندىن ئىسرائىلىيە تەرەپكە ئاز دېگەندە 10 راكېتامىيوتنىڭ ئېتىلغانلىقى ۋە گولان ئېگىزلىكىدە گۈدۈك ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ جەرياندا ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا قىسقىچە بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا: «ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى لىۋاندىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئېتىلغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭغا زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بايقىدى. ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك. بارلىق تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر