ئامېرىكا: مۇساپىرلارنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە بۇرىمىدۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «ئافغان مۇساپىرلىرىنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە بۇرىمىغانلىقى»نى ئۇقتۇردى.

1685947
ئامېرىكا: مۇساپىرلارنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە بۇرىمىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايىس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ، ئامېرىكانىڭ «ئافغان مۇساپىرلىرى پىروگراممىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۈچىنچى دۆلەت» توغرىسىدىكى باياناتىغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ:  «قوغدىنىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلارنى مۇئەييەن بىخەتەر رايونلارغا يېتەكلەش ياكى ئۇ جايلارغا بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى خالايمەن. بىز ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم بىر دۆلەتكە بۇرىمىدۇق. ئافغانىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى باياناتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەندىشىدىن ئەپسۇسلانماقتىمىز» دېدى.

نېد پرايىس يەنە سۈرىيە، ئىراق، ئافغانىستان، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن 4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرنى كۈتۈۋالغان تۈركىيەدىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر