تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار فىدىيە تۆلەندى

نىگېرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن 7 ئاي ئىچىدە 2 مىليون 400 مىڭ دوللار فىدىيە تۆلەندى.

1685294
تۇتقۇندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار فىدىيە تۆلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پانچ» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر دوكلاتتا، دۆلەتنىڭ قىيىن بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىردىن بۇ يىلنىڭ ماي ئېيىغىچە دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بەش قېتىملىق ھۇجۇمدا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار فىدىيە تۆلەنگەن.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى قويۇپ بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق فىدىيە تۆلىمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى، دۆلەتنىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە قوراللىق كىشىلەرنىڭ موتسىكلىتلىق ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېيىن موتسىكلىت ئىشلىتىشنى چەكلىگەنىدى.

دۆلەتنىڭ بېنۇ، پلاتېئۇ، كاتسىنا ۋە زامفارا قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە قېتىم مەكتەپلەردىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەنىدى.

مەكتەپلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن نىگېرىيەنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى توختىتىپ قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر