تۇنىس پارلامېنتى باشلىقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى
تۇنىس پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋە ناخدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راشىد ئەل گاننۇشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبىدىن بالنېستقا ئېلىنغان دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1683902
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋە ناخدا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى راشىد ئەل گاننۇشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبىدىن بالنېستقا ئېلىنغان دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۇنىس پارلامېنتىنىڭ باشلىقى گاننۇشىنىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى ۋەسىم ئەلخاراۋى: «گاننۇشىنىڭ سالامەتلىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ناچارلاشقانلىقى ئۈچۈن ھەربىي دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلۇشى كېرەك ئىدى. ھازىر گاننۇشىنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشتى. شۇڭا، دوختۇرلار ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشىنى تەستىقلىدى» دېدى.
گاننۇشىنىڭ 13-ئىيۇل (2021) تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پارلامېنت باشلىقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.