نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ 91 ئەزاسى تەسلىم بولدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 91 ئەزاسى تەسلىم بولدى.

1683173
نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ 91 ئەزاسى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بېرنارد ئونيېكو، بورنو ئۆلكىسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تەشكىلاتنىڭ 91 ئەزاسىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئونيېكو، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تەشكىلات ئەزالىرىغا تەۋە نۇرغۇن قورال ۋە ئوق- دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرگە قارىماي، بۇ تەشكىلات ئافرىقادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت نىگېرىيەدە ئىزچىل ھالدا ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلماقتا.

نىگېرىيەدە 2000- يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان بوكو ھارامنىڭ 2009-يىلدىن بۇيانقى كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.

بۇ تەشكىلات 2015- يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ چېگرا قوشنىلىرى كامېرون، چاد ۋە نىگېردىمۇ ھەر خىل ۋەقەلەرنى تۇغدۇردى. تەشكىلاتنىڭ چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 2000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

يۈز مىڭلىغان كىشى دۆلەتتىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر