دائېش ئىراقتا بىر تەزىيە چېدىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىراقتا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر تەزىيە چېدىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم قازا قىلدى، 17 ئادەم يارىلاندى.

1683237
دائېش ئىراقتا بىر تەزىيە چېدىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش ئەزاسى تېررورچىلار ئىراقنىڭ سالاھۇددىن شەھىرىدىكى بىر تەزىيە چېدىرىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ۋەقەدە يەتتە ئادەم قازا قىلدى، 17 ئادەم يارىلاندى.

ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، رايوندا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دائېش ئۆتكەن ھەپتىمۇ باغدادتىكى بىر بازارغا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىپ، 35 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر