تېھراندا بىر نا مەلۇم جىسىم چوڭ پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراننىڭ شىمالىدا چوڭ پارتلاش يۈز بەردى.

1673020
تېھراندا بىر نا مەلۇم جىسىم چوڭ پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت تېھراننىڭ مەركىزىدىكى خەلق باغچىسى ئەتراپىدا بىر نا مەلۇم جىسىم چوڭ پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەرلەردە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە تۇنجى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى  قەيت قىلىندى.

تېھراننىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ھامىد رىزا گودەرزى يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «تاسنىم» غا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، پارتىلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر