دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئات ئامېرىكادا ئۆلدى

2.1 مېتىرلىق بويى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئات دەپ تونۇلغان 20 ياشلىق «چوڭ جەك» ئامېرىكادا ئۆلدى.

1670695
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئات ئامېرىكادا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ۋىسكونسىن ئۆلكىسىدىكى «Smokey Hollow» چارۋىچىلىق مەيدانىدا بېقىلىۋاتقان بۇ ئاتنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2.1 مېتىر  ۋە  ئېغىرلىقى 1 توننا 136 كىلوگىرام كېلەتتى.

«چوڭ جەك» 20 ياش ۋاقتىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئات سۈپىتىدە جىنىس دۇنيا رېكورتى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

«چوڭ جەك» بېقىلىۋاتقان چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ خادىمى جېررىي گىلبېرت ئاتنىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا «ئائىلىمىزدىكىلەرگە نىسبەتەن ئازابلىق بىر ئىش بولدى» دېدى.

گىلبېرت مەزكۇر ئاتنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا تىنچ ياشىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر