مۇستەملىكە دەۋرىدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ئۇنتۇلمايدۇ

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك «خاتىرە ھۆججىتى» نىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى توغرىسىدا كەينىگە چېكىنمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1669874
مۇستەملىكە دەۋرىدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ئۇنتۇلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن 1962-يىلى 5-ئىيۇل فىرانسىيە مۇستەملىكىسىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 59-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالجىرىيە خەلقىگە خىتاب قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ چوڭ قىرغىن، قىيىن-قىستاق ھەمدە ۋەيران قىلىش قوراللىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەت خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى (2020) قوبۇل قىلىنغان ۋە 1945-يىلى 8-ماي ۋەقەلىرىنىڭ 76-يىللىقىغا توغرا كەلگەن دۆلەتلىك خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە دەۋرىدە (1962-1830) ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سوراش تەلىپىنى تەكرارلىغان ئىدى.

فىرانسىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكە تارىخىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ قانلىق ئۈلگىسى بولغان ئالجىرىيە، 1954-يىلى مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باشلىدى.

ئالجىرىيە سەككىز يىل داۋاملاشقان كۈرەشتە، مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۈز بەرگەن ئېغىر پاجىئەلەر فىرانسىيەنىڭ ئافرىقادىن چېكىنگەندە قالدۇرغان «چوڭ قارا داغ» بولۇپ تارىخقا يېزىلدى. ئىنسانىيەتكە قارشى يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا 1 يېرىم مىليون ئالجىرىيە خەلقى جېنىدىن ئايرلدى، مىليونلارچە كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

فىرانسيەنىڭ 1960-1966-يىللىرى ئارىسىدا ئالجىرىيە چۆلىدە تۆت قېتىم يەر ئۈستىدە، 13 قېتىم يەر ئاستىدا بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 17 قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانلىقى بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر