دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇقۇمنىڭ دېلتا ۋارىيانتى 100 گە يېقىن دۆلەتتە بايقالدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ھىندىستاندا بايقالغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ دېلتا ۋارىيانتىنىڭ تەخمىنەن 100 دۆلەت ۋە رايوندا كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1669234
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇقۇمنىڭ دېلتا ۋارىيانتى 100 گە يېقىن دۆلەتتە بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەر شارى تېلېۋىزىيەسى تورى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش كاتىپى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ، يۇقۇش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېزلىكى ئىسپاتلانغان كوۋىد – 19 يۇقۇمى دېلتا ۋرىيانتىنىڭ كەم دېگەندە 98 دۆلەتتە كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى تۆۋەن ۋە يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردە دېلتا ۋارىيانتىنىڭ تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گېبرېيۇس، دېلتا ۋارىيانتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر