ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىدا ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىزەددىن قەسسەم ئەترەتلىرىگە ئائىت بىر نۇقتىنى بومباردىمان قىلدى.
1668515
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ، غەززەدىن يوللانغان كۆيدۈرگۈچ بالونلارغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمىز ھاماسقا ئائىت قورال – ياراغ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بومباردىمان قىلدى.»
ھاماس تەرىپىدىن بولسا، بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.