دۇنيا مىقياسىدا ئۈچ مىليارد قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى

دۇنيا مىقياسىدا ئۈچ مىليارد 80 مىليون قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ 50 مىليون 53 مىڭ 958 قۇتا ۋاكسىنا ئەملەپ توققۇزىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1668165
دۇنيا مىقياسىدا ئۈچ مىليارد قۇتىدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار جەمگاھى بولغان «Ourworldindata.org» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي 1 مىليارد 240 مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەملەپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملگەنگەن دۆلەت بولغان. ئۇنىڭدىن قالسا تەرتىپى بويىچە، ھىندىستان 335 مىليون 716 مىڭ قۇتا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 326 مىليون 52 مىڭ قۇتا، برازىلىيە 101 مىليون 480 مىڭ قۇتا، ئەنگلىيە 77 مىليون 590 مىڭ قۇتا، گېرمانىيە 73 مىليون 750 مىڭ قۇتا، فىرانسىيە 53 مىليون 80 مىڭ قۇتا، ئىتالىيە 51 مىليون 560 مىڭ قۇتا، تۈركىيە 50 مىليون 53 مىڭ قۇتا، مېكسىكا 45 مىليون 110 مىڭ قۇتا، ياپونىيە 44 مىليون 910 مىڭ قۇتا، ھىندونېزىيە 42 مىليون 740 مىڭ قۇتا، ئىسپانىيە 41 مىليون 280 مىڭ قۇتا، رۇسىيە 40 مىليون 30 مىڭ قۇتا، كانادا 37 مىليون 380 مىڭ قۇتا، پولشا 28 مىليون 890 مىڭ قۇتا، چىلى 22 مىليون 510 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا ئەملىگەن.


خەتكۈچ: #ۋاكسىنا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر