ئىتالىيەدىكى كۆچمەنلەر پاجىئەسىدە 7 كىشى قازا قىلىپ، 9 كىشى يوقاپ كەتتى
ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لامپېدۇسا ئارىلىدىن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان كېمە دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ، 7 كىشى قازا قىلدى.
1667446
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىمقى كۆچمەنلەر پاجىئەسى بۈگۈن ئەتىگەن سەھەردە ئاق دېڭىزدا ئىتالىيەنىڭ ئافرىقىغا ئەڭ يېقىن لامپېدۇسا ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەردى.
«ANSA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لامپېدۇسادىن 5 مىل يىراقلىقتا چۆكۈپ كەتكەن كېمىدە 7 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرىسىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىتالىيە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىپ، 48 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى، 9 كىشىنىڭ غايىب بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەر بىلەن 7 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ لامپېدۇساغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئارالدا ياز ئايلىرىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر كۆپىيىدىغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر سانىنىڭ 660 ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.