تۇنىس دېڭىز ساھىللىرىدا يۈزلەرچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۇنىسنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مەدەنىن شەھىرى دېڭىز ساھىللىرىدا 178 تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1665860
تۇنىس دېڭىز ساھىللىرىدا يۈزلەرچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇنىس دېڭىز ئارمىيەسى، ئاقدېڭىزدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمىنىڭ مەدەنىن شەھىرى دېڭىز ساھىللىرىدا كاشىلا چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، 178 تەرتىپسىز كۆچمەننى قۇرقۇزۇۋالغان، 2 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان.

تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ باڭلادېش، مىسىر ۋە ئافرىقا پۇقرالىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

باياناتتا، ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر