قۇددۇستا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان يەھۇدىيلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان ئاشقۇن ئوڭچى يەھۇدىيلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىنىڭ دەمەشىق دەرۋازىسىغا يىغىلماقچى بولغان پەلەستىنلىكلەرگە قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.
1661444
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەمەشىق دەرۋازىسىدا ئىغۋاگەرلەرچە تەشكىللىگەن «بايراق يۈرۈشى» جەريانىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان ئاشقۇن ئوڭچى يەھۇدىيلارغا قارشى ئوخشاش يەردە پەلەستىنلىك ياشلارمۇ نارازلىق بىلدۈرمەكچى بولدى.
لېكىن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى دەمەشىق دەرۋازىسىغا يىغىلماقچى بولغان يپەلەستىنلىك ياشلارغا ئاۋاز بومبىسى ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركىدى.
نۇرغۇنلىغان پەلەستىنلىكلەرنى ئۇرۇپ رايوندىن قوغلىغان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىككى ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 3 پەلەستىنلىكنى نازارەتكە ئالدى.
ئاشقۇن ئوڭچىل يەھۇدىيلار 15-ئىيۇن كۈنى ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا دەمەشىق دەرۋازىسىدا «بايراق يۈرۈشى» تەشكىللىگەن ۋە يۈرۈش جەريانىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان ئىدى.