تۇنىستا يەنە بىر ياشنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن نامايىش پارتلىدى

تۇنىستا بىر ياشنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن جېنىدىن ئايرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1658955
تۇنىستا يەنە بىر ياشنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن نامايىش پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تۇنىستىكى سىدى ھۈسەيىن مەھەللىسىدە توپلانغان نامايىشچىلار، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەرىپدىن ئۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەھمەت بىن ئامارانىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن يارىلانغان ھالدا تېپىلغان رايونغا قاراپ پىيادە يۈرۈدى.

نامايىشچىلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ شوئارلارنى توۋلىدى.

تۇنىستا بىر ياش 8-ئىيۇن (2021) خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يارىدار ھالەتتە تېپىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. مەزكۇر ياشنىڭ جەسىتى 9-ئىيۇن دەپنە قىلىنغان ئىدى.

9-ئىيۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، ساقچىلارنىڭ كوچىدا بىر ياشنى يالىڭاچ ھالەتتە ئۇرۇۋاتقان ۋىدېئو جىددىيچىلىكلەرنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. مەزكۇر ياش جېنىدىن ئايرىلغان سىدى ھۈسەيىن مەھەللىسىدە ۋەقەلەر ئۇلغىيىپ، رايوندىكى نامايىشچىلار كېچىگىچە رېزىنكە چارقلارنى كۆيدۈرۈپ قاتناشنى توسقان ئىدى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

ئەھمەت ئىسىملىك ياشنىڭ ئائىلىسى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئەيىبلىدى. تۇنىس ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىرچە مەزكۇر ياشنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى. بىراق مىنىستىرلىق سىدى ھۈسەيىن مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا بىر ياشنىڭ كىيمىنى سالدۇرۇپ ئۇرغان ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر