پۇتىن بايدىن بىلەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشى ئاخىرلاشتى.

1659442
پۇتىن بايدىن بىلەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بايدىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكى ساھەسىدە مۇزاكىرەلەرنى باش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا پۇقراسى بولغان مەھبۇسلارنى قايتۇرۇشتا بەزى يول قويۇشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بايدىن بىلەن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ئۆز جايىغا قايتىشى مەسىلىسىدىمۇ كېلىشتۇق. باش ئەلچىلەر خىزمەت ئورنىغا قايتىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى سەۋىيەسىدە مۇزاكىرەلەر باشلىنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو مۇقىملىقىدا مەسئۇلىيىتى بار. ھەر ئىككى تەرەپ ‹يېڭدىن باشلاش كېلىشىمى› نى كېڭەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرەلەرنى باشلايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر