گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ماختىدى

تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1659072
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىم گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹خاندېلسبلات› گېزىتى» (Handelsblatt) نىڭ، تۈركىيەنىڭ قول ئىلكىدىكى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈرىيە، لىۋىيە ۋە قاراباغدا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۇكرائىنا ۋە پولشا سېتىۋالدى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت سېتىۋېلىشنى كۈتمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى يېڭى دەۋردىكى ئۇرۇشتا يېڭى ئۆلچەم ھېسابلىنىدىكەن.»

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، بايقار گۇرۇھىنىڭ تېخنىكا ئىشلىرى مۇدىرى سەلچۇق بايراقتارغا يۇقىرى باھا بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «41 ياشلىق تۈرك كارخانىچى بايراقتار، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق دۆلىتىنى يۈز بەرگۈسى ئۇرۇشلاردا تېخىمۇ ياخشى كارتىغا ئىگە قىلدى.»

خەۋەردە يەنە، ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى چارلىز لىستېرنىڭ، «بايراقتار گۇرۇھىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى 20-ئەسىردىكى رۇسىيەنىڭ <AK-47> تىپلىق ئاپتوماتىغا ئوخشاش شەكىلدە ئۇرۇشتا يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى ئۆلچىمى» دەپ ئاتىغانلىقى  قەيت قىلىندى.

گېزىت، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى توغرۇلۇق تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلىرىدىن ۋە تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ۋىدېئولارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن تاش سىياسەت تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق پىروگراممىسى دىرېكتورى ئارون ستېين، تۈركىيەنىڭ بۇ ۋىدېئولارنى تارقىتىپ، ئاممىۋى تاراتقۇ زامانىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆزىتىش، چارلاش ۋە توقۇنۇش رايونلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ يېڭى ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «لېكىن تۈركىيە بۇنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزدى، ھەمدە دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئارقىلىق قانداق ئىستىراتېگىيەلىك تەسىر كۈچكە ئىگە بولالايدىغانلىقى ۋە خەلقئارا بازارلارنىڭ دىققىتىنى قورال – ياراغ سېتىش ئىشلىرىغا قانداق بۇرىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر