يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن كەڭ كۆلەملىك مەھبۇس ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

1656941
يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ مەھبۇسلار كومىتېتى باشلىقى ئابدۇلقادىر ئەل مۇرتازا مەسىلە ھەققىدە «SABA» ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.

مۇرتازا خەلقئارالىق كۈچلەر ئارىلاشمايدىغان شەكىلدە مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «كېلىشىمگە (يەمەننىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى) مەھمۇد ئەل سۇبەيھى، (پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مەنسۇر ھادىنىڭ ئىنىسى ۋە قوماندانى) ناسىر مەنسۇر ھادى ۋە باشقا رەھبەرلەر قاتناشتۇرىلىدۇ» دېدى.

يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسىر ۋە مەھبۇسلار سۆھبەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ماجىد فەدايىلمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا 2018-يىلى مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش، ھۇدەيدەدە ئۇرۇش توختىتىش، پورتلار ۋە تائىزنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ستوكھولم كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

ستوكھولم كېلىشىمىدىن كېيىن، كۆپ قېتىم مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈستەلدە ئولتۇرغان تەرەپلەر 2020-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مەھبۇس ئالماشتۇرۇشنى  ئىشقا ئاشۇرغان ۋە بۇ دائىرىدە، 15 ى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، 4 ى سۇدانلىق بولۇپ، جەمئىي 1056 مەھبۇس قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر