ماكرون: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بولۇشىغا قارىماي جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1655830
ماكرون: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، پايتەخت پارىژدىكى ئېلىسې سارىيىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 14 – ئىيۇن كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ ھەم جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بىر – بىرىمىزنى كۆرۈشكە ئېھتىياجىمىز بار. گەرچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىمىز بار بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزئارا كۆرۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، سۈرىيە، لىۋىيە، تاغلىق قاراباغ ۋە فىرانسىيەنىڭ <رادىكالىزم> غا قارشى كۈرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا، <رادىكالىزم> غا قارشى كۈرەشنىڭ ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمەن، شۇنداقلا ئىشقا ئاشۇرۇلغۇسى ھەمكارلىق ساھەلىرى توغرىلىقمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر