زېلېنىسكى: 105 مىڭ رۇس ئەسكەردىن پەقەت 11 مىڭىلا قايتتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىكى 105 مىڭ رۇس ئەسكەردىن پەقەت 11 مىڭىنىڭلا قايتقانلىقىنى ئېيتتى.

1654649
زېلېنىسكى: 105 مىڭ رۇس ئەسكەردىن پەقەت 11 مىڭىلا قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەر تېلېفون سۆھبىتىدە، 7 – گ گۇرۇھى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنلىرى ھارپىسىدا كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدوغا، دونباسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگرالىرىدىن قايتۇرۇپ كەتكە ئەسكەر سانىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «105 مىڭ رۇس ئەسكىرىدىن پەقەت 11 مىڭىلا قايتتى.»

ئۇ يەنە، كىرىزىسنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بولسا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر