پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن پويىز قازاسىدا 38 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 64 كىشى يارىلاندى.

1653108
پاكىستاندا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىنىڭ گوتھى رايونىدا كېتىۋاتقان بىر پويىزنىڭ ۋاگونى ئورنىدىن ئاجراپ كېتىپ، قارشى تەرەپتىن  كېلىۋاتقان باشقا بىر پويىز بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

سۇككۇر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فىدا ماستوينىڭ ئېيتىشىچە، قازادا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 38 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 64 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر