خىتايدا بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەردى
خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 كە يەتتى.
1653233
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر شارى تېلېۋىزىيەسى (CGTN) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن ئۆلكىسىدىكى كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغان ئىشچىلارنىڭ سانى 4 كە يەتكەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا يوقاپ كەتكەن 4 ئىشچىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش باشلانغان.
خېنەندە 6 -ئاينىڭ 5-كۈنى، خېبى كۆمۈر ۋە ئېلېكتر شىركىتى باشقۇرىدىغان كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەرگەنىدى.
ئالاقىدار تارماقلار، پارتلاشتا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ، يوقاپ كەتكەن 6 كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.