ھەسەل ھەرىلىرى ئارىسىدا تارقالغان كېسەللىك ئېغىر تەھدىت بولماقتا

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەسەل ھەرىلىرى ئارىسىدا تارقالغان كېسەللىك ھەسەل ھەرىسى توپىغا ئېغىر تەھدىت سېلىشقا باشلىدى.

1653070
ھەسەل ھەرىلىرى ئارىسىدا تارقالغان كېسەللىك ئېغىر تەھدىت بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئىنسان ئامىلىدىن باشقا، ئەمدىلىكتە ھەسەل ھەرىلىرى زەمبۇرۇغ كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلمەكتە.

«NTV» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەرىلەر ئارىسىدا تارقالغان «AFB» كېسىلى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكىدىن ئېلىپ كېلىنگەن زەمبۇرۇغ تۈرى سەۋەبىدىن 2009-يىلدىن بۇيان دۆلەتتىكى ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

جەنۇبىي ئافرىقا مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كېسەللىكنىڭ ھەرە كۆنىكىنىڭ رەڭگىنى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىڭلىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ھەسەل ھەرىلىرى تەرىپىدىن چاڭلىنىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر ھەسەل ھەرىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر