بېرلىندا ۋېلىسىپىتلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ۋېلىسىپىت گۇرۇپپىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ قاتناش ۋە كېلىمات سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1653002
بېرلىندا ۋېلىسىپىتلىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ۋېلىسىپىت كۇلۇبى (ADFC) تەرىپىدىن «كەلگۈسى بۈگۈن باشلىنىدۇ. قاتناشتىكى ئۆزگىرىش ھازىر باشلانسۇن» شوئارى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش دائىرىسىدە، نامايىشچىلار بېرلىندىكى ھەر قايسى نۇقتىلارغا يىغىلىپ ۋېلىسىپىت گۇرۇپپىلىرى شەكىللەندۈردى.

شەھەر مەركىزىدىكى براندېنبۇرگ دەرۋازىسىغا ئوخشىمىغان يوللاردىن كەلگەن ۋېلىسىپىتلىق نامايىشچىلار فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كېلىمات ۋە قاتناش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

گېرمانىيە ۋېلىسىپىت كۇلۇبى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، بەزى كوچىلارنىڭ ئاپتوموبىللارغا چەكلىنىشى كېرەكلىكى، ۋېلىسىپىت يوللىىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۇش تەلەپ قىلىندى.

گېرمانىيە ۋېلىسىپىت كۇلۇبى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشقا 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر