رىمال: بىرما يۇقۇمنىڭ يېڭى مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن

بېرمانىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ئىچكى توقۇنۇش ۋە ئىنسانىي كىرىزىس سەۋەبىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ يېڭى مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1650910
رىمال: بىرما يۇقۇمنىڭ يېڭى مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان جىددىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى دوكتور ئابھىشېك رىمال «ئاسىيان ئىنسايدېر»نىڭ مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، بېرمادا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر ساغلاملىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرما ئارمىيەسى بىلەن قوزغىلاڭچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىنىڭ كوۋىد -19 ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رىمال: «بېرمانىڭ قوشنا دۆلەتلىرى يۈز بەرگۈسى مۇساپىرلار ئېقىمىغا قارىتا چېگرا رايونلىرىدا سىناق ۋە كارانتىن مەركەزلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق كوۋىد -19 غا قارشى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى» دېدى.

ئۇ، توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن ئاھالىلەر رايونلىرىدىن قېچىپ يېزا – قىشلاقلارغا بېرىۋالغان بېرمالىقلارنىڭ ساغلاملىق پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىشتىن يىراق قېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئەگەر تارقىلىشچان زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ دۆلەتتە ئېغىر سەۋىيەگە يېتىشىنى خالىمىساق، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تېزدىن رايونغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. بولمىسا، بىرما كوۋىد -19 نىڭ يېڭى مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #بىرما

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر