ناتو بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى مۇمكىن

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئىيۇن ئېيى (2021)نىڭ ئوتتۇرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي رەھەرلەر يىغىنىدا، ماي ئېيىدا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى مەجبۇرىي قوندۇرغان بېلارۇسىيەگە قارشى ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1650598
ناتو بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيەگە قوشۇمچە ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەنگلىيە زىيارىتى جەريانىدا باش ۋەزىر بورىس جونسون بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىرىلغان ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ياكى يۈرگۈزمەسلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە ريانايىر ئايروپىلانىنىڭ مەجبۇرىي قوندۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىڭ ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەردە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ رۇسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون 2018-يىلى مارتتا سالىسبۇرى شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمدىن كېيىن، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئەنگلىيەنى قوللىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

بورىس جونسون ئۇ ۋاقىتتا رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تور ھۇجۇمى تەھدىتلىرى ۋە بەزى ئەزالىرىمىز ھازىرمۇ ھېس قىلىۋاتقان ھەر خىل قورقۇتۇشقا قارشى ئۆزىمىزنى قوغداش ۋە مۇداپىئە ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىۋاتقانلىقىمىزدىن خاتىرجەم بولۇشنى خالايمىز» دېدى.

باش ۋەزىر بورىس جونسون ناتو دۆلەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي قوندۇرۇلغان ئايروپىلاندا قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچى ژۇرنالىست رومان پروتاسېۋىچ        (Roman Protaseviç) ۋە ئۇنىڭ قىز دوستىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، بېلارۇسىيەگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى 14-ئىيۇن (2021) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر