ناتو ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم قىلىدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو چېكىنگەندىن كېيىنمۇ ئافغانىستانغا ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھە خىزمەتلىرىدە داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1649852
ناتو ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ بۇ دۆلەتكە داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە قىسىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە خەلقئارالىق ئايرودۇرۇم قاتارلىق مۇھىم ئاساسلىق ئۇل-ئەسلىھەلەرنى قوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، «ناتو ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتكە قىلىنىدىغان ياردەمنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى» ھەققىدىكى سوئالغا: « ھەر خىل ئوخشىمىغان يوللار بىلەن ياردەم قىلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ناتو خادىملىرىنىڭ پايتەخت كابۇلدا تۇرىدىغانلىقىنى، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرى ۋە ئافغانىستانغا فوند تەسىس قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا يەنە، رۇسىيە، خىتاي ۋە بېلارۇسىيە مەسىلىلىرى، ناتونىڭ كېلەچەكتىكى سىناقلارغا تەييار بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ناتو 2030-يىللىق پىلان»، خىراجەتلەر ۋە ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر