كولومبىيەدە مىڭلارچە كىشى نامايىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى

كولومبىيەدە مىڭلارچە كىشى بىر ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن پىيادە يۈرۈدى.

1648702
كولومبىيەدە مىڭلارچە كىشى نامايىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پايتەختى بوگوتادا ئوخشىمىغان ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان مىڭلارچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، نامايىشلار سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە بۇ سەۋەبتىن نامايىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار يۈرۈش جەريانىدا ھەر خىل شوئارلارنى توۋلاپ، يوللاردا قۇرۇلغان توسۇقلارنىڭ ئېلىۋىتىلىشىنى ۋە يېقىنقى كۈنلەردىكى نامايىشلاردا ئېشىۋاتقان خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىقلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

كولومبىيەدە 32 كۈندىن بۇيان «مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش» دائىرىسىدە، نامايىشچىلار تەرىپىدىن يوللارنىڭ پات-پات تاقىۋېلىنىشى ۋە توسۇقلارنىڭ قۇرۇلۇشى، سودا-تىجارەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

2021-يىلى 28-ماي نامايىشلارنىڭ باشلانغىنىغا بىر ئاي بولغانلىقى سەۋەبى بىلەن كوچىلارغا چىققان مىڭلارچە كىشىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشىدا جالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. پايتەخت بوگوتادا بولسا، 185 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر