بىرما مۇسۇلمانلىرى ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە كومىتېت تەشكىل قىلدى

بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 1 - فېۋرالدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلارنى قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلار سانى 840 قا يەتتى.

1648656
بىرما مۇسۇلمانلىرى ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە كومىتېت تەشكىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى باشلانغان نامايىشلاردا قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 840 قا يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا 4409 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا يەنە، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققان 1881 ئادەم ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ جەرياندا، بىرمانىڭ كاچىن ئۆلكىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شان مىللەتلىرى ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ساو خۇن كياۋ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

شان مىللەتلىرى ئارمىيەسى باياناتچىلىرى، كياۋنىڭ 26 – ماي مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن كېتىۋاتقان ئەسنادا بىرما ئارمىيەسىنىڭ بىر مەرگىنى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن بىرمادىكى مۇسۇلمانلار، دۆلەتتە دېموكراتىيەنى يېڭىدىن بەرپا قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە «بىرمالىق مۇسۇلمانلار كۆپ مىللەتلىك مەسلىھەت كومىتېتى» قۇرۇپ چىقتى.

كومىتېت ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرمادىكى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى 16 – ئاپرېلدا قۇرۇلغان مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىرىنچى نىشانىمىز، بىرمالىق مۇسۇلمانلار، خۇسۇسەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر توغرىسىدا مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ كاپالەت بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، بىرمادىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ كومىتېتنىڭ ئىككىنچى نىشانى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا، كومىتېتنىڭ نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ 1982 – يىلى بىرما ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە دۆلەت مىقياسىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان پۇقرالىق قانۇنىنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان يېڭى بىر پۇقرالىق قانۇنىنىڭ تەييارلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر