پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارىنى قوبۇل قىلىشىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1647261
پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ۋەزىپىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشقكا قاتنىشىشى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكى، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ كومىتېت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەگە قارشى قانۇن لايىھەسى، 9 غا قارشى 24 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى، 14 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

ئاۋسترىيە، بۇلغارىيە، كامېرون، چېخىيە، گېرمانىيە، مالاۋى، مارشال تاقىم ئاراللىرى، ئەنگىلىيە ۋە ئۇرۇگۋاي قانۇن لايىھەسىگە قارشى بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەر بولدى.

قوبۇل قىلىنغان  قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق، شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن تېرروتېرىيەلىرىدىكى ۋە ئىسرائىلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قارارلاشتۇرۇلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقى فىجىلىق نازھات شامېم خان تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ باشلانغۇچتىن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان بارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەم سۇيىئىستېمال قىلمىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىللىي، ئېتنىك، ئىرقي، ياكى دىنىي كىملىككە ئاساسلىنىلىدىغان سىستېمىلىق ئايرىمچىلىق ۋە بېسىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەۋجۇت سۈركىلىشلەر، مۇقىمسىزلىقلار ۋە توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر