بلىنكېن ئىسرائىلىيەدە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللاش ئۈچۈن چىققان ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە تېل ئاۋىۋغا يېتىپ باردى.

1645146
بلىنكېن ئىسرائىلىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا 21 – ماي كۈنى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللاش ۋە غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشى مەسىلىلىرى كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىسرائىلىيەدىن كېيىن، پەلەستىن، مىسىر ۋە ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

بلىنكېننىڭ بۈگۈن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاشكېنازى بىلەن كۆرۈشكۈندىن كېيىن، راماللاھقا يېتىپ بېرىپ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە باش مىنىستىر مۇھەممەد ئىشتىييە بىلەن ئايرىم - ئايرىم بىر يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئۇ، كېيىنچە مىسىر ۋە ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسادا رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە شەيخ جەرراھ مەھەللىسى ئاھالىسىنى ئۆي – ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىش پىلانى، رايوندا سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەززە رايونىغا 10 – مايدا باشلاتقان ھۇجۇملار، ھاماس بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 21 – ماي كۈنى شۇ جاي ۋاقتى كېچە سائەت 02.00 دە ئاخىرلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر