بايدىن: ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ئەھدلىرىمىزدە ئۆزگىرىش يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ئەھدىلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1643782
بايدىن: ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ئەھدلىرىمىزدە ئۆزگىرىش يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە سېتىپ بەرگەن 735 مىليون دوللارلىق قورال – ياراغ ھەققىدە  توختالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، بەزى دېموكراتلارنىڭ تەنقىدلىرىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەرگەن ئەھدىلىرىمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، رايوندا ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمگە ھازىرمۇ ئېھتىياجىمىز بار، دەرۋەقە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىمۇ مۇشۇ تۈزۈم بولىدۇ.»

غەززەنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشى ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي پىلان لايىھەسى تۈزۈش مەسىلىسىدە خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «رايون دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەقىل يەھۇدىي دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانغا قەدەر تىنچلىق بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر